ئىقتىساد
3 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېنېرگىيە، پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى، كرىپتو پۇل بىرلىكلىرى، بېلىقچىلىق، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرگەن سابىق رۇسىيە جەڭچىلىرىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە تەييارلاندى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
ياۋروپانىڭ يېڭى جازا لايىھەسى موسكۋانىڭ چەكلىمىلەردىن ئايلىنىپ ئۆتۈشىگە ياردەم بەرگەن ئورۇنلارغا زەربە بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كاژا كاللاس (Kaja Kallas) رۇسىيەگە قاراتقان يېڭى بىر يۈرۈش ئېمبارگو پىلانىنى ئېلان قىلدى. بۇ پىلان موسكۋانىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاجىزلىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بانكىلار، قورال-ياراغ ئىشلەپچىقارغۇچىلار، نېفىت سودىگەرلىرى، نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى ۋە ئۈچىنچى دۆلەتلەردىكى كرىپتو تىجارەتچىلىرىنى نىشان قىلىدۇ.

كاللاس سەيشەنبە كۈنى ئېكس (X) سۇپىسىدا يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ: «بىز قەدەممۇ قەدەم رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئىقتىسادىنىڭ ئۇلىنى يىقىتىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ پىلان رۇسىيە نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى ۋە موسكۋانىڭ كىرىم قىلىش ياكى مەۋجۇت ئېمبارگولارنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان ئورگانلىرىغا يېڭى جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېن (Ursula von der Leyen) بىرۇسسېلدىكى مەتبۇئات يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئېنېرگىيە، پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى، كرىپتو پۇل بىرلىكلىرى ۋە بېلىقچىلىققا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا سابىق رۇسىيە جەڭچىلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى مەنئى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فوندېر لېيېن رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلاۋاتقانلىقىنى ۋە خامچوت بېسىمىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بىزنىڭ ئېمبارگولىرىمىز ئۈنۈم بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - EU sanctions push stalls as bloc fractures over Russia

ئېمبارگو دېڭىز تىرانسىپورتىغا زەربە بەردى

ئېنېرگىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر ئاستىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرا شەرق ۋە بھورمۇز بوغۇزىدىكى جىددىي ۋەزىيەت سەۋەبىدىن نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى تەڭشەشنى كېلەر يىلى  (2027) 1-ئايغىچە كېچىكتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ پىلان يەنە 30 پاراخوتنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيەنىڭ «كۆلەڭگە پاراخوت ئەترىتى » (shadow fleet) دەپ ئاتالغان پاراخوتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 630 دىن ئاشىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۇنجى قېتىم كۆلەڭگە پاراخوتلىرىغا يېقىلغۇ قاچىلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان پاراخوتلارنى، شۇنداقلا رۇسىيە نېفىت سودىسى، نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ياكى توشۇشقا قاتناشقان پورتلار، ئايرودۇرۇملار ۋە نېفىت زاۋۇتلىرى قاتارلىق مۇھىم ئۇل- ئەسلىھەلەرنىمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى.

ياۋروپا كومىتېتى يەنە رۇسىيەگە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) توشۇش پاراخوتلىرىنى سېتىشنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Hungary urges EU to lift sanctions on Russian energy as Mideast war rages on

بانكىلار ۋە كرىپتو پۇللار نىشانغا ئېلىندى

مالىيە جەھەتتە، بىريۇسسېل يەنە 31 رۇسىيە بانكاسى بىلەن بولغان سودىنى چەكلەشنى، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ئېمبارگولارنى ئايلىنىپ ئۆتۈشىگە ياردەم بەرگەن 20 چەت ئەل بانكاسى، كرىپتو شىركىتى ۋە نېفىت سودىگەرلىرىگە جازا يۈرگۈزۈشنى پىلانلىماقتا.

فوندېر لېيېننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پىلان تۇنجى قېتىم رۇسىيەنىڭ جازادىن قېچىشىغا ياردەم بەرگەن ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ كرىپتو پۇل مۇلازىمىتىنى تولۇق چەكلەش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىرلەر يەنە رۇسىيەنىڭ ھەربىي-سانائەت ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكا ۋە ماتېرىياللارغا، جۇملىدىن ئالەم قاتنىشى، مۇداپىئە ۋە ئۇچقۇ ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان مېتاللار، قېتىشمىلار، شۇنداقلا يەر يۈزىدىن قوللاش ۋە قويۇپ بېرىش سىستېمىلىرىغا يېڭى ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە تەخمىنەن 60 مىليون ياۋرو (69 مىليون دوللار) قىممىتىدىكى ماللارنى، جۈملىدىن بەزى مېتاللار، مېتال رۇدىلىرى ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى پىلانلىماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا، بىرۇسسېل رۇسىيەنىڭ بېلىق مەھسۇلاتلىرىغا، جۈملىدىن بىر قىسىم كود(cod) بېلىقى مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېلارۇسىيەنىڭ رۇسىيە ماللىرى ئۈچۈن ئايلانما يول بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بېلارۇسىيەگە قويۇلغان سودا چەكلىمىلىرىنى رۇسىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەر بىلەن ئوخشاش سەۋىيەگە كەلتۈرىدۇ.

بۇ جازا پىلانى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىردەك ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US imposes Ukraine-related sanctions on Russian oil companies Rosneft, Lukoil
ئىزدىنىڭ
ئەردوغان پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى مۇنىرنى قوبۇل قىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان ئۇكرائىنا تېمىلىق «ئىختىيارىي ئىتتىپاقداشلار باشلىقلار يىغىنى» غا قاتناشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن %20 ئۆتۈش ھەققى تەلەپ قىلدى، ئاراقچىدىن مەسخىرىلىك جاۋاب كەلدى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز غەززەنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق