ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، خاككېرلار خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن «Integrity Technology Group» شىركىتى ئۈچۈن ئىشلەپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردە تور ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.
بۇ گۇرۇپپا تور سىستېمىلىرىنى سىكاننېرلاش ۋە ئالدامچىلىق ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە «Microscan» ۋە «FishHub» ناملىق قوراللارنى ئىشلەتكەن. بۇ قوراللار ئارقىلىق ئامېرىكا، ياپونىيە، پولشا ۋە تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان.
فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تور ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جېيسون بىلنوسكى، تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، مالىيە مەنبەلىرى ۋە قوراللىرىنى نىشان قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 2025-يىلى «نۇرغۇن تور ھۇجۇمى بىلەن چېتىشلىقى بار» دېگەن سەۋەب بىلەن بېيجىڭغا جايلاشقان «Integrity Technology Group» شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇ شىركەتنىڭ، بولۇپمۇ ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۈسكۈنىلەرگە سىڭىپ كىرىش ۋە ئۇلارغا كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشتە ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تەمىنلىگەنلىكى سەۋەبىدىن، مارتتا شىركەتكە جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.


















