خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
نىگېرىيە قوراللىق قىسىملىرى بورنو ئۆلكىسىدىكى دائېشقا چېتىشلىق تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلدى
دائىرىلەر تېررورچىلار ئىشلەتكەن ئەشيا ئوبوروت (لوجىستىكا) قۇرۇلمىلىرىنىڭمۇ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
نىگېرىيە قوراللىق قىسىملىرى بورنو ئۆلكىسىدىكى دائېشقا چېتىشلىق تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلدى
نىگېرىيە قوراللىق قىسىملىرى بورنو ئۆلكىسىدىكى دائېشقا چېتىشلىق تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلدى / AP

مەسئۇللار نىگېرىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ شىمالىي شەرق تەرەپتىكى بورنو ئۆلكىسىدە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىدە، دائېش قا چېتىشلىقISWAP تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاز دېگەندە 25 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

نىگېرىيەنىڭ «Channels Television» قانىلىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، رايونلۇق قۇماندانلىق ئىشتابىنىڭ تاراتقۇ ئۇچۇر مەسئۇلى سانى ئۇبا يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، قىسىملارنىڭ لىمانكارا (Limankara) ۋە كۇكاۋا (Kukawa) رايونلىرىدا ISWAP نى نىشان قىلغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

سانى ئۇبا: «توقۇنۇشتا 15 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، نۇرغۇن ئەزاسى يارىدار ھالەتتە قاچتى»، دەپ بايانات بېرىش بىلەن بىرگە، ھاۋا كۆزىتىش ئەترەتلىرىنىڭ قاچقان تېررورچىلارنى قوغلىغانلىقىنى، ئۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر قېتىملىق دەل جايىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق «يەنە 10 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى» ئۇقتۇردى.

ئۇبا يەنە تېررورچىلار ئىشلەتكەن چوڭ كۆلەملىك مۇداپىئە ۋە ئەشيا ئوبوروت قۇرۇلمىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى. تېررورچىلارغا تەۋە ئىككى ئاپتوموبىل، نۇرغۇنلىغان قورال ۋە زور مىقداردا ئوق-دورا قولغا چۈشۈرۈلدى.

نىگېرىيە ئۇزۇندىن بۇيان قوراللىق شايكىلار بىلەن بوكو ھارام (Boko Haram) ۋە ISWAP قا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رايونلاردىكى تۈرلۈك ھۇجۇملىرىغا قارشى كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، نىگېرىيەدىكى خىرىستىيانلارنىڭ «زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى» ۋە «تېررورچىلار» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بىراق ئابۇجا (Abuja) ھۆكۈمىتى ۋە كۆپىنچە مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر، نىگېرىيەدىكى زوراۋانلىقنىڭ خىرىستىيانلار بىلەن مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

25-دېكابىردا ئامېرىكا ئارمىيەسى نىگېرىيەنىڭ سوكوتو (Sokoto) ئۆلكىسىدە ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ باردى. نىگېرىيە دائىرىلىرى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ماسلىشىش ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە دائېش بىلەن ئالاقىسى بار تېررورچىلارنى نىشانلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، غەربىي ئافرىقا دۆلىتىدىكى ئەندىشىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش مەقسىتىدە كۈچەيتىلگەن ھەربىي ھەمكارلىق دائىرىسىدە تەخمىنەن 100 ئامېرىكا ئەسكىرى نىگېرىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نىگېرىيە تەرەپ بۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جەڭگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Deadly militant raids kill dozens, destroy multiple villages in northwest Nigeria
ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز