سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى بىر دوختۇرخانا ئەتراپىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكا – ئىران ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى بىر دوختۇرخانا ئەتراپىغا قىلغان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى بىر دوختۇرخانا ئەتراپىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى بىر دوختۇرخانا ئەتراپىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى / AP

ئىسرائىلىيەنىڭ شاقرادا لىۋان سەھىيە دائىرىلىرىگە تەۋە بىر نۇقتىغا قىلغان تۈرلۈك ھاۋا ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

لىۋاننىڭ رەسمىي دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان بولۇپ، ھۇجۇم نەتىجىسىدە كەم دېگەندە تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ھاۋا ھۇجۇمى ھىرام دوختۇرخانىسى ئەتراپىدىكى جال ئەلبەھر رايونىدىكى بىر بىنانى نىشان قىلغان بولۇپ، تۆت كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

 باشقا ھۇجۇملاردا بولسا، ئىسرائىلىيە شاقرا يېزىسىغا جايلاشقان سەھىيە خادىملىرىغا تەۋە بىر نۇقتىنى نىشان قىلغان، ھۇجۇم نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

ئىسرائىلىيە يەنە خانىيە ۋە مەنسۇرى رايونلىرىنىمۇ توپقا تۇتقان.

 ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە يەنە ھادداتا، راب تەلاتىن، ئابباسىيە رايونى، كافرا ۋە جەمەجە يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

بۇ ھۇجۇملار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىرانغا قارىتىلغان بومباردىمان ۋە ھۇجۇملارنى ئىككى ھەپتە مۇددەت بىلەن «توختىتىپ تۇرۇش» نى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ بىرنەچچە سائەت كېيىن يۈز بەردى. لېكىن، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ «لىۋاننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى» نى ئۇقتۇردى.

2-مارت كۈنى لىۋان ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇش قوزغىشى، ئىراننىڭ شۇ چاغدىكى دىنىي رەھبىرى ئەلى خامەنېينى ئۆلتۈرۈشى بىلەن ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ ئىچىگە ئىتتىرىلگەن ئىدى؛ بۇ ۋەقە تېھرانغا قاراشلىق شىئە گۇرۇھى ھىزبۇللاھنىڭ ئىسرائىلىيە نۇقتىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىشىغا سەۋەب بولدى.

شۇ كۈندىن باشلاپ ئىسرائىلىيە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى قويۇقلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا قاراتقان بېسىۋېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى؛ بۇ جەرياندا لىۋاندا تەخمىنەن 1500 كىشى ئۆلدى، 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.

 لىۋان دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا يەنە 4500 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى