تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابى ئەھمەدنىڭ تەكلىپىگە بېنائەن سەيشەنبە كۈنى پايتەخت ئەددىس ئەبېبەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. مەزكۇر زىيارەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا توغرا كەلدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئېفىيوپىيە زىيارىتى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئېفىيوپىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە، تۈركىيەنىڭ ئەددىس ئەبېبەدە ئەلچىخانا ئاچقانلىقىنىڭ 100 يىللىقى تەبرىكلىنىش بىلەن بىرگە، يىلتىزى 16-ئەسىرگىچە تۇتىشىدىغان تارىخىي رىشتىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەت بىلەن يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ دىپلوماتىك ئەھمىيىتى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
مەيلى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ياكى خۇسۇسىي تاراتقۇلار بولسۇن، بۇ زىيارەتكە ئومۇمىي جەھەتتىن ئىجابىي باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن تارىخلىق دوستلۇقنى، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ۋە ئەنقەرەنىڭ رايوندىكى دىپلوماتىك رولىنى يورۇتۇپ بەردى. بۇ زىيارەت جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن ئېفىيوپىيەگە قىلغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئېفىيوپىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى — فانا تارقىتىش ئورگىنى، زىيارەتنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا «يېڭى تۈركىيەنىڭ مۇھاپىزەتچىسى» دەپ باھا بېرىلدى. خۇسۇسىي تاراتقۇ ئورگىنى «Addis Standard» بولسا، مەزكۇر زىيارەتنى ئافرىقا مۈڭگۈزىدىكى جىددىيچىلىكلەر ۋە تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئاكتىپ دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلدى. خەۋەردە يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاللىقاچان كېلىشىپ بولغان تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىملىرىگە رەسمىي ئىمزا قويىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
ئۆكتەبىر ئېيىدا قۇرۇلغان پۈتۈن ئافرىقا رەقەملىك تاراتقۇ سۇپىسى «Pulse of Africa»نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سودا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارىدىغان بۇ زىيارىتى، تۈركىيەنىڭ قىزىل دېڭىز ۋە ئافرىقا مۈڭگۈزى رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.
تۈركىيەنىڭ ئېفىيوپىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەرك باران مۇناسىۋەتلەرنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، ئەردوغاننىڭ زىيارىتىنىڭ «ئاللىقاچان كۈچلۈك بولغان دوستلۇق رىشتىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىشى»گە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «تۈركىيە بىلەن ئېفىيوپىيە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردە ئىنتايىن كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتكە ئىگە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇقىم سىياسىي ئالاقە ۋە دىيالوگ
تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەمىر ياسىن كەكەچ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا: «يەرشارىۋى تەرتىپ ئېنىقسىزلىققا تولغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، تۈركىيە بىلەن ئېفىيوپىيە ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ۋاسىتە بولۇشىغا تايانماي، ئىنتايىن مۇقىم ۋە ئاشكارا مۇناسىۋەت ئورناتتى. بۇ مۇناسىۋەتنى قوغداش ۋە تېخىمۇ كۈچەيتىش لازىم» دېدى.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، دۆلەت مەنپەئەتلىرى پەرقلەنگەن تەقدىردىمۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆزئارا سىياسىي چۈشىنىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلماقتا. تەتقىقاتچى ئىبراھىم مۇلۇشېۋا بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ئېفىيوپىيەنىڭ مەيدانىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ نىل دەرياسى تالاش-تارتىشى ۋە دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى مەسىلىسىدە ئېنىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، بۇ ئورتاق قاراشنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ئالاقىنى مۇمكىن قىلغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئېفىيوپىيە-سومالى تالاش-تارتىشىغا ئوخشاش سەزگۈر مەسىلىلەردە ۋاسىتە بولالىشىنىڭمۇ مۇشۇنداق ئۆزئارا ئىشەنچكە تايىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
باش ئەلچى بەرك باران يەنە خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىرلىك دىپلوماتىيەنىڭ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي خاراكتېرى ئىكەنلىكىنى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتىنىڭ بۇ مۇناسىۋەتلەردە يېڭى بىر دەۋرنى باشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئاكادېمىكلارمۇ مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسىنىڭ رولىنى ئالاھىدە قەيت قىلىشتى. ئەددىس ئەبېبە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇلئەزىز دىنو، تۈركىيە تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنىڭ، تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە مەدەنىيەت ئوخشاشلىقىنىڭ ئېفىيوپىيە خەلقىدە تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىجابىي قاراش شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەنئەنىۋى دىپلوماتىيە مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي رىشتىلەر بىلەن قوراللانغىنىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىكەن.
خۇلاسىلىگەندە، ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ھەم 100 يىللىق مۇناسىۋەتنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتىگە، ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي يېقىنلىق ۋە دىپلوماتىك دىيالوگ ئاساسىدا كەلگۈسى ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
















