سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: ئەنگىلىيە ئىشغالچى ۋە تېررورچى ھاكىمىيەتنى قۇرۇشتىكى رولى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى شەرت
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە باشقا بىر قىسىم ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە «ئىشغالىيەتچى ۋە تېررورلۇق ھاكىمىيىتى» نى قۇرۇش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى
ئىران: ئەنگىلىيە ئىشغالچى ۋە تېررورچى ھاكىمىيەتنى قۇرۇشتىكى رولى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى شەرت
ئىران: ئەنگىلىيە ئىشغالچى ۋە تېررورچى ھاكىمىيەتنى قۇرۇشتىكى رولى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى شەرت

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۇرۇۋاتقان ئابباس ئاراقچى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئېد مىلىباند ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر ئابدۇلاتى بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئاراقچى ئەنگلىيەلىك كەسپدىشى مىلىباند بىلەن بولغان سۆھبىتىدە رايوندىكى ۋە ھورمۇز بوغۇزىدىكى نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىكسىزلىكنىڭ «ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى»، بۇنىڭ ئىرانغا، رايونغا ۋە دۇنياغا زور زىيان سالغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ رايوندا سىجىل مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك ئورنىتىشنىڭ ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىران ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرگە تۇتقان «بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىز» پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان ئاراقچى، ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇرۇش جىنايەتلىرى بىلەن سوتلاش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئاراقچى يەنە ئىراننىڭ «تىنچلىق مەقسىتىدىكى يادرو پىروگراممىسى» غا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا دىپلوماتىك ئىقتىدارىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتلىرىگە قارىتا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتمىغانلىقى سەۋەبىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ