ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي دۆلىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»

ۋولودىمىر زېلېنسكىي «ئۇكرائىنا – شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا باشلىقلار يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن دۆلىتىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

2022-يىلى فېۋرالدا رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان دۆلىتىگە قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا رەھمەت ئېيتقان زېلېنسكىي، سىياسىي ۋە مۇداپىئە ساھەسىدىكى ياردەملەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۆلىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىش مۇساپىسى توغرىسىدىمۇ توختالغان زېلېنسكىي: «بۈگۈن ياۋروپادىكى ھەممەيلەن ئوخشاش پىكىردە. بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز» دېدى.

زېلېنسكىي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان 21-نۆۋەتلىك ئېمبارگو پىلانىنى تەستىقلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ: «ئورتاق بېسىم ئارقىلىق، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز سايىسىدا، خەلقىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن چوقۇم تىنچلىققا ئېرىشىدىغانلىقىمىزغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن. بىز بىرلىكتە، بىرلەشكەن ۋە كۈچلۈك بىر ياۋروپادا تىنچلىق ئىچىدە ياشايمىز» دېدى.

ئىزدىنىڭ
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر 11 - نويابىر چارشەنبە
مالايشىيادىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دانىيە ئوكرائىناغا قوشۇمچە ياردەم بېرىدىغان بولدى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈ بەردى
كامبودژادا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي سوتنىڭ ھۆكمىنى چىقاردى
رىزائى ترامپنى ئىراننىڭ 7 تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى
فىرانسىيە تاللا بازارلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا ئىراننى ئەيىبلىدى
ترامپ ھازىرچە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا بۈيۈك رەھبەر ئاتاتۈرك ئۈچۈن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەردوغان: ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالماقچى بولغانلار خەلقلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى نەزەرگە ئالمىدى
خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتتى
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
رۇبىيو: ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىمالدىن يىراق