ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ قاتىل ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززەدىكى پۇقرالارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق، بۇلاڭ-تالاڭ ۋە ۋەيران قىلىش جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى خەلقئارالىق جامائەتچىلىكتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.
جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان 200 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ھۆكۈمەتكە خەت يېزىپ، پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنمىغان تەقدىردە، قوراللىرىنى تاشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئەسكەرلەر غەززەدە پۇقرالارغا قاراتقان ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇلارنىڭ سېلىنغان زۇلۇمنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
خەلقئارالىق قانۇن تەشكىلاتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇرۇش جىنايىتى دەپ ئاتىماقتا.
بۇ ئېتىراپلار ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان زوراۋانلىق سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئاشكارىلاپ بەردى.