ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئىران ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى قوللىغان كارخانىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت ئېمبارگو تىزىملىكىدىكى ئىران ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق سودا پائالىيىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېغىر جازاسىغا دۇچ كېلىش خەۋپىنى تۇغدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئىران ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى قوللىغان كارخانىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران ئايروپىلان سەپەرلىرىنى قايتا باشلىشى بىلەن، ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرى بېسسېنت «ئەڭ يۇقىرى بېسىم» تەھدىتى سالدى. (سۈرەت: ئارخىپ) / Reuters
 

خەزىنە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت X تىكى ھېساباتىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىرانغا ئىقتىسادىي بېسىم چۈشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن ئىران ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگوسىغا دۇچ كېلىش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ» دېدى.

بېسسېنت چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى ئۆز تەۋەلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ بۇ ئايروپىلانلارغا مۇلازىمەت قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «بارلىق زۆرۈر قەدەملەر»نى بېسىشقا چاقىردى. بۇ خىل مۇلازىمەتلەر ئارىسىدا يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەش، يېمەك-ئىچمەك خىزمىتى، قونۇش ھەققى ۋە تېخنىكىلىق ئاسراش قاتارلىقلار بار. ئۇ يەنە: «خەزىنە مىنىستىرلىقى ئىرانغا ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى بېسىمنى ئىشلىتىدۇ ھەمدە ئىران ئورگانلىرى بىلەن سودا قىلغان ياكى ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن ئۈچىنچى تەرەپلەرگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىشتىن قەتئىي چېكىنمەيدۇ»  دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تېھراندىن قوزغىلىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرى قايتىدىن باشلاندى

بېسسېنتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى دەل ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، ئىراننىڭ بىر قىسىم سودا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى قايتىدىن باشلىغان مەزگىلىگە توغرا كەلدى. ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى شەنبە كۈنى بىر قانچە ئايروپىلاننىڭ تېھراندىن قوزغالغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىران خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ بەزى قىسىملىرىنىڭ قايتىدىن ئېچىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ شەرق قىسمىدىكى خەلقئارا ترانسىت لىنىيەلىرىنىڭ ھازىر ئوچۇق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە مىنىستىرلىقى يېقىندا مالىيە كۈچىدىن پايدىلىنىپ نېفىت سودىسىغا چېتىشلىق يەر شارى خاراكتېرلىك مۈلۈكلەرنى تىزگىنلەش مەقسىتىدە «ئىقتىسادىي غەزەپ» (Economic Fury) ناملىق يېڭى بىر پىروگراممىنى يولغا قويدى. بۇ تەشەببۇس دائىرىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاي بانكىلىرىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئەگەر ئىران نېفىت سودىسىغا ۋاسىتىچىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

بېسسېنت سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراننىڭ تەسىر كۈچىنى چەكلەش ئۈچۈن «ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى بېسىم» سىياسىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
قاتار ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى بىر ئامېرىكا-ئىران جىددىيلىكىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەردوغان «تېررورسىز تۈركىيە» مۇساپىسىنى كەڭ ئورتاق تونۇش بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى ئاخىرقى 16 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى
رۇسىيە: «ھەربىي تەھدىت شەكىللەنگەن ئەھۋالدا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو ھۇجۇمى ئېلىپ بارالايمىز»
گېرمانىيەدە تەخمىنەن 450 مەكتەپكە بومبا تەھدىتى بار ئېلخەت ئەۋەتىلدى
باڭلادېش سابىق باش مىنىستىر ھاسىنانى قايتىپ كەلگەن ھامان تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇركتا يەنە 14 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى: سىستېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن
كولومبىيەدىكى بىر باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، 12 ئەسكەر يارىلاندى
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ يېڭى يىلدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەڭ ئېنىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىن ناتوغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى