خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى  ئۆزلىرى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 6 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
00:00
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى  ئۆزلىرى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى-لىۋان ئۇرۇشى ئەسناسىدا / Reuters

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ رەفاھ شەھىرىگە 15-ئاۋغۇستتا قىلغان ھۇجۇملىرىدا تەل ئەس-سۇلتان مەھەللىسىدە 6 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر ئۆلگەن ۋەقە ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە دائىر بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رايوندا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئېھتىياتچان ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، ئەسىرلەرنىڭ ئۆلۈمىگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولغانلىقى ئېتىراپ قىلىندى.

ئىسرائىلىيەلىك ئائىلىلەر بولسا، تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ۋە يوقالغانلارنىڭ ئائىلىلىرى مۇنبىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ «كىشىنى چۆچۈتىدىغان ۋە يۈرەكنى پۇچۇلايدىغان دەرىجىدە» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تەكشۈرۈشتە، ئەسىرلەرنىڭ ئۆلۈمىگە ھەربىي بېسىمنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سېنتەبىردە (2024) رەفاھتىكى بىر تونېلدا 6 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى جاكارلىغان، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماس ئەسىرلەرنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى ئۆلدى، 17 كىشى يارىلاندى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى