تايلاند ۋە كامبودژا كەڭ دائىرىلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ترامپمۇ قاتناشقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىدا، تايلاند ۋە كامبودژا كەڭ دائىرىلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.
چېگرادا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 48 كىشىنىڭ ئۆلۈشى ۋە مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆي-ماكانسىز قېلىشىدىن بىر نەچچە ئاي كېيىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.
تايلاند ۋە كامبودژا رەھبەرلىرى، ئىيۇل ئېيىدا بەش كۈن داۋاملاشقان ئەجەللىك چېگرا توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئىشقا ئارلاشقان ئامېرىكا جپىرېزقىدېنتى دونالد ترامپمۇ قاتناشقان ھالدا يەكشەنبە كۈنى كەڭ دائىرىلىك بىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.
بۇ كېلىشىم ترامپنىڭ كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (ASEAN) يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىمزالاندى.
بۇ كېلىشىم، ئۈچ ئاي ئىلگىرى ترامپنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەھبەرلىرىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا ۋاشىنگتون بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سودا سۆھبىتىنىڭ توختىتىلىپ قېلىش خەۋپى بارلىقىنى ئېيتقان ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى ئاساسىدا قۇرۇلدى.
مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم، كامبودژا باش مىنىستىرى ھۇن مانېت ۋە تايلاند باش مىنىستىرى ئانۇتىن چارنۋىراكۇل بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ: «ھەر ئىككى دۆلەت بارلىق ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشىشنى قوبۇل قىلدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
47-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئىمزالانغان كېلىشىم، 18 نەپەر كامبودژالىق ھەربىي ئەسىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىمزالانغان كېلىشىمگە قارىتا ترامپ: «بۇ كېلىشىم دائىرىسىدە، مالايسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن كۆزەتكۈچىلەر، تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ساقلاش ئۈچۈن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ. ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن نۇرغۇن سودىمىز بار. بىز بۇ سودىنى ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشىمىز كېرەك، ئەمما بۇ ناھايىتى ئۇزۇن بىر تىنچلىق بولىدۇ» دېدى.
كامبودژا باش مىنىستىرى ھۇن مانېت ترامپقا تىرىشچانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىپ، ئامېرىكا جۇمھۇر رەئىسىنى «خەلقىنىڭ مىننەتدارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن» نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
تايلاند باش مىنىستىرى ئانۇتىن چارنۋىراكۇلمۇ قاتناشقۇچى رەھبەرلەرگە رەھمەت ئېيتىپ، بۇ خىتابنامىنىڭ «پەرقلەرنى تىنچلىق بىلەن ۋە ئىگىلىك ھوقۇق بىلەن زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلغان ھالدا ھەل قىلىش توغرىسىدىكى ئورتاق ئىرادىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
تايلاند بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدىكى 817 كىلومېتىرلىق (508 مىل) قۇرۇقلۇق چېگراسىدىكى بېكىتىلمىگەن نۇقتىلار ئۈستىدىكى جىددىيلىك، ئىيۇل ئېيىدا بەش كۈنلۈك ئەجەللىك توقۇنۇشقا ئايلانغان ئىدى.
بەش كۈنلۈك ئۇرۇش كەم دېگەندە 48 كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە ھەر ئىككى تەرەپتە يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئۆي-ماكانسىز قېلىشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر توقۇنۇش ئىدى.
ترامپ ۋە ئەنۋەر تەرىپىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش، توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇردى ۋە ھەر ئىككى تەرەپ شۇنىڭدىن بېرى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە خىزمەت قىلماقتا.
چېگرا تالاش-تارتىشلىرى ئايلانما جىددىيلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
چېگرا تالاش-تارتىشلىرى، ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە ئاندا-ساندا جىددىيچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. تايلاند ۋە كامبودژا 800 كىلومېتىردىن (500 مىل) ئارتۇق قۇرۇقلۇق چېگراسىنى ئورتاقلىشىدۇ.
تالاش-تارتىشلىق دەۋالار ئاساسلىقى، كامبودژانى تايلاندتىن ئايرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ۋە فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا 1907-يىلى سىزىلغان بىر خەرىتىدىن كېلىپ چىققان. كامبودژا بۇ خەرىتىنى ئاساس قىلىپ زېمىن تەلەپ قىلسا، تايلاند خەرىتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
فېۋرالدا، كامبودژالىق ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى چېگرادىكى تالاش-تارتىشلىق رايونلارنىڭ بىرىگە جايلاشقان قەدىمكى بىر ئىبادەتخانىغا كىرىپ كامبودژا دۆلەت شېئىرىنى ئېيتقان ۋە بۇ ئەھۋال تايلاند ئەسكەرلىرى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان.
ئەڭ روشەن ۋە شىددەتلىك توقۇنۇشلار 1000 يىللىق پرېئا ۋىخار ئىبادەتخانىسى ئەتراپىدا يۈز بەردى.
1962-يىلى، خەلقئارا سوت مەھكىمىسى رايون ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقنى كامبودژاغا بەرگەن ۋە بۇ ئەھۋال مۇناسىۋەتلەردە زور بىئاراملىق پەيدا قىلغان.
كامبودژا 2011-يىلى، ئارمىيەسى بىلەن تايلاند كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر قانچە توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن قايتىدىن سوتقا مۇراجىئەت قىلغان بولۇپ، بۇ توقۇنۇشلاردا تەخمىنەن 20 كىشى ئۆلگەن ۋە مىڭلىغان كىشى ئۆي-ماكانسىز قالغان.
سوت مەھكىمىسى 2013-يىلى قارارىنى قايتا تەستىقلىغان بولسىمۇ، مەزكۇر قارار تايلاندنى داۋاملىق بىئارام قىلماقتا.