غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئىيۇل ئېيىدا غەززەدە 150 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردە غەززەگە قاراتقان قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنى باشلىغاندىن بېرى قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 73 مىڭ 349 غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئىيۇل ئېيىدا غەززەدە 150 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ئىيۇل ئېيىدا غەززىدە 150 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇھاسىرىدىكى بۇ رايوندا ئۆتكەن ئىيۇل ئېيىدا 152 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ يىل بېشىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئايلىق ئۆلۈم نىسبىتى رېكورتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق باياناتىدا سەھىيە ئوچۇر مەركىزىنىڭ ئامبارلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ، ئۆتكەن ئايدا غەززە بويىچە قازا قىلغۇچىلار سانىدا كەسكىن ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە ئوخشىمىغان ۋىلايەتلەردە جەمئىي 152 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قازا قىلغانلار ئاراسىدا 21 نەپەر كىچىك بالا، 14 ئايال ۋە 4 ياشانغان كىشى بار بولۇپ، مىنىستىرلىق بۇ ساننىڭ توختاۋسىز كۈچىيىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ پۇقرالار ۋە ئادەم زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا يەتكۈزۈۋاتقان بىۋاسىتە زىيىنىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىسرائىلىيە 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردە يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، تىنچلىق كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ 1222 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 4053 كىشىنى يارىلاندۇرغان.

مىنىستىرلىق يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردە غەززەگە قاراتقان قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنى باشلىغاندىن بۇيان، قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 73 مىڭ 349 غا، يارىلانغانلار سانىنىڭ بولسا 174 مىڭ 162 گە يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھەربىي ھۇجۇملىرى قەتئىلامدىن باشقا يەنە، غەززەدىكى ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭمۇ %90 گە يېقىنىنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قايتا قۇرۇش چىقىمىنىڭ تەخمىنەن 70 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى