ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە زېمىنىدا ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوللىنىشقا رۇخسەت قىلدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىدە ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى خەۋەرلەرنى تۇنجى قېتىم جەزملەشتۈردى.
ئاق ساراي دۆلەت بىخەتەرلىك ئالاقە مەسلىھەتچىسى جون كىربى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش تېلېفون يىغىنىدا، 2022-يىلى 2-ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.
جون كىربى ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىدە ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى ھەققىدە ئۆتكەن ھەپتە تارقالغان خەۋەرلەرنى تۇنجى قېتىم دەلىللىدى.
بۇ جەھەتتىكى سىياسەتلىرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن كىربى: «ھازىر ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۇزۇن مۇساپىلىك قۇرۇقلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى جىددىي ئېھتىياج تۇغۇلغان ئەھۋالدا ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قوللىنالايدۇ. چۈشىنىشلىككى، بۇ خىل ئەھۋال كۇرسكى رايونىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېدى.
ئۇ مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ قوللىنىلىشى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىنالىقلار قۇرۇقلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى قانداق قوللانغانلىقى ۋە نىشاننى قانداق بەلگىلىگەنلىكى ھەققىدە ئۆزلىرى بىر نەرسە دەيدۇ» دېدى.
ئۆتكەن ھەپتە ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر قىسىم ئامېرىكالىق ئەربابلار ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك قوراللىرىنى رۇسىيە زېمىنلىرىدا چەكلىك دائىرىدە قوللىنىش رۇخسىتى بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بۇ خەۋەر رەسمىي دائىرىلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەنىدى.
ئۇكرائىنا ئۇزۇندىن بېرى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۈگۈنگە قەدەر يېشىل چىراغ يېقىپ بەرمىگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدىمىگە، ئاي بېشىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مەغلۇپ بولغان جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ، سايلامدا غەلىبە قىلغان دونالد تىرامپنىڭ ئاق سارايغا چىقىشىدىن بۇرۇنقى مۇھىم قارار دەپ باھا بېرىلمەكتە.
ئامېرىكانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ترامپ ۋەزىپىگە چىقىپلا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قەدەملىرىنى تاشلايدىغانلىقىنى، بۇ ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.