ترامپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبىرىنى ۋاشىنگتوندا كۈتۈۋالىدۇ
خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبىرىنى ۋاشىنگتوندا كۈتۈۋالىدۇبۇ قېتىمقى يىغىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ۋاشىنگتوندا بىر يەرگە جەم بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.
ۋاشىنگتون ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مۇستەقىل بولغان بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇردى. / AP
2025-يىلى11-ئاينىڭ6-كۈنى

ئامېرىكا بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق موسكۋا ۋە بېيجىڭ بىلەن بولغان رىقابەت كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، بايلىقى مول ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنى تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم قىلىدۇ. بۇ يىغىن مەزكۇر دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم-ئايرىم يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈپ بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئېچىلماقتا.

كىرېمىلنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغىنىدىن بۇيان، غەرب دۇنياسى بايلىقى مول باي ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇردى. موسكۋانىڭ ئەنئەنىۋى تەسىرىگە سوئال ئىشارەتلىرى قويۇلۇۋاتقان بۇ رايوندا خىتايمۇ مۇھىم بىر ئاكتىيورغا ئايلاندى.

تەسىر كۈچى تالىشىش

قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بېرى، «C5+1» فورماتى دەپ ئاتالغان رامكا ئىچىدە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى كۈچەيتتى.

ۋاشىنگتون ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مۇستەقىل بولغان بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇردى. تۇنجى ئامېرىكا-ئوتتۇرا ئاسىيا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى 2023-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

بۇ يىل ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ رايوننى زىيارەت قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوندىكى كۆپلىگەن توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدە بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىشىغا شارائىت ياراتتى.

قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان خىتاي، ئۆزىنى ئاساسلىق سودا ھەمراھى قىلىپ، رايوندا زور كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سالدى.

گەرچە سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى موسكۋانى يەنىلا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ دەپ قارىسىمۇ، رۇسىيەنىڭ قوشنا دۆلەت ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ئۇلارنى ئەندىشىگە سالدى.

غەرب دۇنياسى 2000-يىللارنىڭ بېشىدا ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بازىلاردىن پايدىلانغاندا، بۇ رايون بىلەن بەزى مۇناسىۋەتلەرنى ئورناتقان ئىدى.

بايلىقى مول رايون

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى، تەبىئىي بايلىقلىرى تېخى كەڭ كۆلەمدە قېزىلىپ بولمىغان بۇ رايونغا، كەم ئۇچرايدىغان مېتاللارنى تەمىنلەش مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە بېيجىڭغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىش مەقسىتىدە قىزىقىشقا باشلىدى.

قازاقىستان كەم ئۇچرايدىغان مېتال زاپىسىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇران ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئۆزبېكىستان غايەت زور ئالتۇن زاپىسىغا، تۈركمەنىستان بولسا نۇرغۇن تەبىئىي گاز رايونلىرىغا ئىگە. تاغلىق دۆلەتلەر بولغان قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانمۇ يېڭى كان بايلىقلىرىنى ئېچىشقا باشلىدى.

رۇسىيە، سوۋېت دەۋرىدىن قالغان ئۇل ئەسلىھەلىرى سايىسىدا ئۇگلېۋودورود بىلەن تەمىنلەش ۋە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى قۇرۇش ئارقىلىق رايوننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەم ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ بۇلغانغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچراۋاتقان جايلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇ بەش دۆلەتنىڭ ھەممىسى سۇ قىسلىقى مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە.

مۇشەققەتلىك ماددىي-تېخنىكا تەمىناتى جەريانلىرى

بىراق، بۇ غايەت زور بايلىق زاپىسىدىن پايدىلىنىش، قىيىن ۋە يىراق يەر شەكىللىرىگە ئىگە بۇ نامرات دۆلەتلەردە مۇرەككەپ بىر جەريان بولۇپ كەلمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدەك چوڭ بىر زېمىننى ئىگىلەيدىغان، لېكىن نوپۇسى ئاران 75 مىليون ئەتراپىدا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، قۇرۇقلۇق بىلەن ئورالغان ھەمدە قۇملۇق ۋە تاغلار بىلەن قاپلانغان بىر رايون. ئۇ شىمالدا رۇسىيە، شەرقتە خىتاي، جەنۇبتا بولسا ئىران ۋە ئافغانىستانغا ئوخشاش غەرب بىلەن مۇناسىۋىتى جىددىي بولغان دۆلەتلەر بىلەن قوشنا.

شۇنداقتىمۇ، ئەسىرلەردىن بېرى يىپەك يولى لىنىيەسىگە جايلاشقان بۇ رايون، ئۆزىنىڭ تارىخىي سودا مەركىزىلىك رولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا.

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بۇ بەش دۆلەت موسكۋاغا بولغان بېقىندىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئورناتتى.

ھەم بېيجىڭ ھەم بىريۇسسېل ياۋروپادىن باشلىنىپ، كاۋكاز ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتىشىدىغان ۋە رۇسىيەنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان كاسپىي دېڭىزى بويىدىكى بىر قاتناش لىنىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىنى قوللىماقتا.

رەسمىي ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن سەل بۇرۇن، يەنى 2021-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ يول ئارقىلىق توشۇلغان مال مىقدارى 660% ئاشقان.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى
تۈركىيە ئەسەد ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىدا سۈرىيەنىڭ «ھۈررىيەت كۈنى»نى تەبرىكلىدى
نېتانياھۇ: ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلغان سۈرىيە تۇپراقلىرىدىن چېكىنمەيدۇ
خاقان فىدان: «تۈركىيە غەززەدە تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار
جەنۇبىي ئافرىقادىكى بىر قاۋاقخانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم شىددەتلىك چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەردى
ھاماس: «غەززەدە ئىشغالىيەت ئاخىرلاشسا، قورال تاشلاشقا تەييارمىز» دېدى
سۈرىيە خەلقى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى يىلىنى  قىزغىن تەبرىكلىمەكتە
ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە قورال سېتىپ بېرىدۇ
كانادا سۈرىيەنى تېررورىزمغا ھامىيلىق قىلغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى
غەززەدە خەلقئارالىق ئورگان يېڭى يىلدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن
تەيۋەن: خىتاي «ھەربىي ھەرىكەتلەر»نى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا
ھىندىستان بىتەرەپ ئەمەس
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان 23-نۆۋەتلىك دوھا مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ
ئىسىرائىلىيە يېڭى يىللىق مۇداپىئە خامچوتىنى كۆپەيتتى