خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن: «ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرى ئىقتىسادقا زىيان سالماقتا، رۇسىيە تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلمەكتە»
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ولادىمىر پۇتىن رۇسىيە كۈچلىرىنىڭ ئۇكرائىنادا «ئۆزلىرى خالىغان دەرىجىدىكى تېزلىك بىلەن» ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
پۇتىن: «ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرى ئىقتىسادقا زىيان سالماقتا،  رۇسىيە تېز سۈرئەتتە  ئەسلىگە كەلمەكتە»
پۇتىن: «ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرى ئىقتىسادقا زىيان سالماقتا، رۇسىيە تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلمەكتە» / Reuters

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ولادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى، بىراق رۇسىيەنىڭ بۇ ھۇجۇملارنىڭ تەسىرىنى «تېز سۈرئەتتە تۈگىتىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى.

پۇتىن جۈمە كۈنى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قاتنىشىۋاتقان ئەسكەرلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا: «ئەلۋەتتە بىزگە مەلۇم مىقداردا زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ، بىراق بىز تېزلا ئۆزىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىمىز. ئۇلار بىزگە ئېغىر مەسىلىلەرنى تۇغدۇرۇپ بېرەلمەيدۇ» دېدى.

موسكۋانىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان «ئالاھىدە ھەربىي مەشغۇلات» رايونىدىكى رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 700 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى تىلغا ئالغان پۇتىن، رۇسىيەنىڭ غەربكە قارشى «ئاساسەن دېگۈدەك يەككە-يالغۇز كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى» ئېيتتى.

رۇسىيە كۈچلىرىنىڭ ئۇكرائىنادا «ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغاندەك تېز سۈرئەتتە» ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان پۇتىن، قىسىملارنىڭ ھەر كۈنى قەدەممۇ- قەدەم ئىلگىرىلەشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پۇتىن: «تۇپراقلىرىمىزنى ئاستا-ئاستا ئۆز كونتروللۇقىمىز ئاستىغا ئېلىۋاتىمىز. بۇنى جەزمەن قولغا كەلتۈرىمىز، بۇنىڭدىن ھېچكىمنىڭ زەررىچە گۇمانى بولمىسۇن» دېدى.

رۇسىيەنىڭ، ئۇكرائىنانىڭ «ئاممىۋىي ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» غايىسى بىلەن قايتۇرما ھۇجۇملارنىڭ شىددىتىنى باسقۇچلۇق تۈستە كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇتىن «ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ناتو  باشلىدى» دېگەن يۆنىلىشتىكى ئەيىبلەشلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى ۋە ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكىلىق ۋە ئىلمىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ دۆلەتلەرنى «ھەددىدىن زىيادە تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر» دەپ سۈپەتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Putin says he thinks war in Ukraine 'coming to an end'
ئىزدىنىڭ
فىدان: ھورمۇز بوغۇزىدا بىخەتەر ۋە داۋاملىق ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك
ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن 780 مىليون ياۋرولۇق كېلىشىم
تۇساش (TUSAŞ) دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «ئەڭ ئالقىشلانغان شىركەت» بولۇپ تاللاندى
ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يېڭى بىر ئايرودۇرۇم ئېچىلدى
تۈركىيە فەتۆ قاچقۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلىدى
ئىران دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدە يېڭى زېللاندىيە بىلەن 2:2 تەڭلەشتى
مىنىستىر خاقان فىدان 16-، 17-ئىيۇن كۈنلىرى رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى
ئىران كوماندىسىنىڭ تاراتقۇ ئۆمىكى ئامېرىكا ۋىزىسى ئالالمىغاچقا دۇنيا لوڭقىسىغا بارالمىدى
ئاسەلسان (ASELSAN) 114.7 مىليون دوللارلىق يېڭى ئېكسپورت توختامى تۈزدى
ترامپ: ئىران بىلەن تارىخىي كېلىشىم ھاسىل قىلىندى
فىدان: ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنى قىزغىن قارشى ئالىمىز
ئەردوغان: ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى قىزغىن قارشى ئالىمەن
دۇران ئامېرىكا-ئىران تىنچلىق كېلىشىمى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
قاتار دۇنيا لوڭقىسىدا تۇنجى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى