تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىرنىڭ جىزە ۋىلايىتىدىكى شەھەر ئايلانما يولىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ماي توشۇش ئاپتوموبىلىغا ئوت كېتىش ۋەقەسىدىكى ئۆلۈم-يېتىمدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مىسىر خەلقىگە تەزىيە يوللىدى.
باياناتتا: «ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يېقىنلىرى ۋە مىسىر خەلقىگە سەۋر تىلەيمىز؛ يارىلانغانلارنىڭ تېزراق ساقىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلدى.
تەۋسىيە
مىسىر پايتەختى قاھىرەنىڭ غەربىدىكى جىزە شەھىرىدە نېفىت قاچىلانغان ماي توشۇش ئاپتوموبىلىغا ئوت كېتىشى سەۋەبىدىن 31 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 21 كىشى يارىلانغانىدى.














