ب د ت: غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايمىز
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت: غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايمىز
فەرھان ھەق / Others

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززە رايونى ئۈچۈن ئامېرىكا، تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتچىسىنىڭ ياردەمچىسى فەرھان ھەق ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

فەرھان ھەق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ غەززەدە ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش، ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى كۆپەيتىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

تىنچلىق سۆھبەتلىرى ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەلۇمات بېرىلىپ-بېرىلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا بولسا: «ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىۋاتىمىز ۋە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىلگىرى بەرگەن باياناتىدا: «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئامېرىكا، تۈركىيە، مىسىر، قاتار ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىكتە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ» دېگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز