ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە «ئۇرۇش توختاتماسلىقى» 97 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
پۇقرالارغا بىۋاسىتە ئوق چىقىرىش، مىناميوت ھۇجۇمى، قەستەن نىشانغا ئېلىش، زەنجىرسىمان ئوت قويۇپ بېرىش ۋە پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلىش قاتارلىقلار ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە  خىلاپ دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە «ئۇرۇش توختاتماسلىقى» 97 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە «ئۇرۇش توختاتماسلىقى» 97 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى / Reuters

غەززە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10 – ئۆكتەبىر غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن كەم دېگەندە 97 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن، 230 پەلەستىنلىك يارىلانغان. پەقەت يەكشەنبە كۈنىلا 21 قېتىملىق كېلىشىمگە خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلگەن.

غەززە ھۆكۈمىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

 «ئىسرائىلىيە ئىشغالچى كۈچلىرى ئۇرۇش توختىتىش جاكارلانغاندىن بۇيان، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا 80 قېتىم خىلاپلىق قىلدى.»

باياناتتا، پۇقرالارغا بىۋاسىتە ئوق چىقىرىش، مىناميوت ھۇجۇمى، قەستەن نىشانغا ئېلىش، زەنجىرسىمان ئوت قويۇپ بېرىش ۋە پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە  خىلاپ دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىش داۋامىدا، ھەربىي ماشىنىلارنى، ئولتۇراق رايونلارنىڭ چەت جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تانكىلارنى، يىراقتىن نىشانغا ئېلىش سىستېمىسى سەپلەنگەن ئېلېكتىرونلۇق كىرانلارنى، ئايروپىلانلارنى ۋە تۆت موتورلۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەتكەن.

 غەززە ھۆكۈمىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ دەپسەندىچىلىكلەر غەززەنىڭ بارلىق ۋىلايەتلىرىدە كۆرۈلدى. بۇ، ئىشغالچى كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلمايۋاتقانلىقىنى، خەلقىمىزگە قارىتىلغان قىرغىنچىلىق ۋە تېررورلۇق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.»

غەززە ھۆكۈمىتى بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كېلىشىمنىڭ كاپالەتچى تەرەپلىرىنى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر پىلانغا ئاساسەن، 10 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلغان ئىدى.

 كېلىشىم ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باسقۇچلۇق ھالدا چېكىنىشىنى، ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ دەرھال غەززەگە كىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۇدا ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە 68 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، تەخمىنەن 170 مىڭ ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا ھەمدە غەززەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ زور دەرىجىدە ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ھاماس ئامېرىكانىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى ۋە ئىسرائىلىيەنى گۇرۇھلارغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز