ماكرون فىرانسىيەگە ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتكەن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ماكرون فىرانسىيەگە ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتكەن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتىفىرانسىيەدە بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان 116 مىڭ گېكتار يەر كۈلگە ئايلاندى.
ماكرون فىرانسىيەگە ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتكەن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى
 

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، دۆلىتىدە ھەپتىلەردىن بۇيان تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقان ئوت ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتكەن تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى.

ماكرون ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يېزا ئىگىلىك ۋە  ئورمانچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى ئىبراھىم يۇماقلىنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن فىرانسىيەگە ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتىلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىنى نەقىل كەلتۈردى.

ماكرون تۈرك تىلىدا ۋە تۈركىيە دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن ھالدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «رەھمەت تۈركىيە» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.

يېزا ئىگىلىك ۋە  ئورمانچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى ئىبراھىم يۇماقلى ئۆز باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ئىسپانىيەدىن كېيىن فىرانسىيەنىڭمۇ ياردەم تەلىپىگە بىنائەن ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئوت ئاپىتى تىراگېدىيەلىرىدىن بىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان فىرانسىيەدە، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان 116 مىڭ گېكتار يەر كۈلگە ئايلاندى.

دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى گىروندې ۋىلايىتىدە تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتىدە 42 مىڭدىن ئارتۇق گېكتار يەر ئوت ئىچىدە قالدى. گىروندې، ۋار، لاندېس ۋە خاۋتې-كورسې ۋىلايەتلىرىدىكى ئوت ئاپەتلىرى تېخىچە كونترول ئاستىغا ئېلىنالمىدى.

ئىزدىنىڭ
COP31 يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار ئاتاتۈرككە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇردى
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا بۈيۈك رەھبەر ئاتاتۈرك ئۈچۈن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
ئەردوغان: جەنۇبىي كورېيە بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز
«R4» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى
تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 دۆلەت «بەدىر كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستىخبارات خادىملىرىنى تەبرىكلىدى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
«‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى 6 - ۋە 7 - نويابىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
مىنىستىر فىدان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: دۆلىتىمىزنى ئەتراپىمىزدىكى توقۇنۇشلاردىن يىراق تۇتتۇق
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مۇداپىئە مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلدۇق
19 دۆلەت كولومبىيەنىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىنى ئەيىبلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستان  پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مىرزىيويېۋانى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان پەلەستىننىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى
مىنىستىر خاقان فىدان باكۇدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ