مەركىزى پارىژغا جايلاشقان خەلقئارالىق فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AFP) پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن تور ھۇجۇمىدىن كېيىن، «AFP Forum» ناملىق مەزمۇن سۇپىسىنى توردىن ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئاگېنتلىق رەھبەرلىكى خىزمەتچىلەرگە ئەۋەتكەن ئېلېكتىرونلۇق خەتكە قارىغاندا، پارىژ ۋاقتى سائەت 01:30 دا (گىرىنۋىچ ۋاقتى 00:30 دا) باشلانغان ھۇجۇم خېرىدارلار ئاگېنتلىقنىڭ مەزمۇنلىرىنى كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان «AFP Forum» سۇپىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان.
خەتتە مۇنداق دېيىلدى: «سىستېمىغا بۆسۈپ كىرىش ئۇرۇنۇشى بايقالغان ھامان گۇرۇپپىلىرىمىز دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلدى ھەمدە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى سۈپىتىدە ‹AFP Forum› نى توردىن ئۈزدى. كېيىنكى ئۇقتۇرۇشقىچە بۇ سۇپىغا كىرگىلى بولمايدۇ.»
ئاگېنتلىق سۇپىغا كىرگىلى بولمايدىغان بۇ مەزگىلدە مۇشتەرىلىرىنىڭ مەزمۇنلاردىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن باشقا يوللارنى تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا: «سىرتتىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھازىرچە ھۇجۇمنى كىمنىڭ قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتىمىز يوق» دېيىلدى.
بۇ تور ھۇجۇمى يېقىنقى ئايلاردا فىرانسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى شىركەتلەر بىلەن دۆلەت ئورگانلىرىنى نىشانغا ئالغان كۆپلىگەن ۋەقەلەردىن كېيىن يۈز بەردى.















