ئەنگلىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەتنى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى
ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ خەلقئارالىق تەرەققىيات كومىتېتى غەززەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت، غەربىي قىرغاق رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىكلەر ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.
ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ خەلقئارالىق تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاماسنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبردىكى ھۇجۇمىغا قارىتا قايتۇرغان زەربىسى نەتىجىسىدە نۇرغۇن پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە غەززەنىڭ پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
كومىتېت دوكلاتىدا يەنە، 2023-يىلى 7-ئۆكتەبردىن 2024-يىلى 31-ئۆكتەبرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستىكى 1800 قۇرۇلۇشىنى چېقىۋەتكەنلىكىنى ۋە 736 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش ۋاقىت جەدۋىلىنى ئېلان قىلىشقا چاقىرىلغان دوكلاتتا، بۇنىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئۈچۈن مۇھىملىقى تەكىتلەندى. شۇنداقلا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا رىئايە قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى تەلەپ قىلىندى.