تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
قازاقىستاندا تۈرك كىنو-فىلىم كۈنلىرى باشلاندى
تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈرك كىنو-فىلىم كۈنلىرى ئاستانادا باشلانغان بولۇپ، پائالىيەت بەش كۈن داۋاملىشىدۇ.
قازاقىستاندا تۈرك كىنو-فىلىم كۈنلىرى باشلاندى
قازاقىستاندا تۈرك فىلىم كۈنلىرى باشلاندى / Anadolu Agency (Wire)
 

تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىككى دۆلەت رىشتىلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈرك كىنو - فىلىم كۈنلىرى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادىكى «Mega Silk Way» سودا مەركىزىنىڭ كىنوخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن قىزىل گىلەم مۇراسىمى بىلەن ئېچىلدى.

قىزىل گىلەمدە قازاقىستانلىق كىنو ھەۋەسكارلىرىغا سالام بەرگەن تۈرك سەنئەتكارلار مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

پائالىيەتتە ئىنسان بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېما قىلغان ۋە COP31 دائىرىسىدە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن «باشقىلارنى ئويلاش» (Diğerkâm) ناملىق فىلىم كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 99-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ «ئەڭ ياخشى خەلقئارالىق فىلىم» تۈرىگە تۈركىيە رەسمىي نامزات كۆرسەتكەن «كېسىلگەن دەرەختەك» (Kesilmiş Bir Ağaç Gibi) ناملىق فىلىممۇ قويۇلدى.

بەش كۈن داۋاملىشىدىغان پائالىيەتتە قازاقىستانلىق تاماشىبىنلار «كۈتۈش» (Beklenti)، «بەختلىكمۇ بىز؟» (Mutluyuz Mu?)، «رافادان تايفا: كاپادوكيا» (Rafadan Tayfa: Kapadokya) ۋە «قارا، پوچتالىيون كېلىۋاتىدۇ» (Bak Postacı Geliyor) ناملىق فىلىملەرنىمۇ ھەقسىز كۆرەلەيدۇ.

يەرلىك تەپەككۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گۈندوغدۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق كىنو تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، قازاقىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە فىلىم ئىشلەشكە يول ئاچىدىغان سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئورتاق كىنو تۈرلىرىنىڭ تۈركىيەلىك ۋە قازاقىستانلىق ئارتىسلار، سېنارىيە يازغۇچىلىرى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلەرگە مۇھىم پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گۈندوغدۇ ھەر ئىككى دۆلەتتە ياقتۇرۇپ كۆرۈلىدىغان سەنئەتكارلارنىڭ ئوخشاش تۈرلەردە بىرگە ئىشلىشىنىڭ مەدەنىيەت ۋە كىنوچىلىق ھەمكارلىقىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

گۈندوغدۇ تەخمىنەن ئالتە يىل ئىلگىرى باشلانغان «قورقۇت ئاتا تۈرك دۇنياسى كىنو –فىلىم فېستىۋالى»نىڭمۇ ئورتاق فىلىم ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشانى بارلىقىنى ئەسلەتتى.

تۈرك سەنئەتكارلار قازاق ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن تونۇشتى

تۈرك كىنو - فىلىم كۈنلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاستاناغا كەلگەن سەنئەتكارلار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە قازاقىستاننىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

پايتەختتىكى مىللىي مەدەنىيەت كەنتىنى زىيارەت قىلغان سەنئەتكارلار قازاق ئاق ئۆيىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئەنئەنىۋى ئوقيا ئېتىشنى سىناپ باقتى ۋە ئاتقا مىندى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گۈزەل سەنئەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈرىكى پالاندۆكەندە سوقىدۇ
تۈركىيە ھەيئىتى ئەنقەرەدە ھەفتەر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى
ئىسرائىلىيەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش سۆھبەتلىرى داۋاملاشماقتا
بېنگازى پورتىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا يارىلانغان 2 لىۋىيە ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا كىچىك ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 2 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ: «ئىران بىلەن بولغان» بۇ ئۇرۇشنى خالىغان ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرالايمىز
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىدا بىر ئائىلىدىن 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىران ئامېرىكانىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
گالاتاساراي ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسىدە ئاستون ۋىللانى 1:0 يەڭدى
ئامېرىكا خۇاۋېينىڭ «سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى»نى بېكىتتى
ناتو ئەسكىشەھىردە شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
Anthropic بىلەن OpenAI نىڭ ئېلان قىلىنمىغان ئىلغار سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
پېنتاگون پاترىئوت باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىشىنى تېخى تەستىقلىمىدى
ب د ت: «غەززەدە ھەرىكەتسىز تۇرۇشنىڭ باھانىسى يوق ۋە جازاسىز قېلىشقا ئورۇن يوق»