سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى

دائىرىلەر دۆلەتتىكى نازۇك ئۇرۇش توختىتىش مۇھىتىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن، سۈۋەيدادا تىنچلىقنى ساقلاش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

By
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى / AP

شەنبە كۈنى، سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سۈۋەيدا ۋىلايىتىنىڭ يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى. دائىرىلەر ۋەقەگە چېتىشلىق بىر گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، ئاھالىلەرنى سالماق بولۇشقا ۋە جىددىي ۋەزىيەتنى ئۇلغايتىۋېتىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى.

سۈرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېلېگرامدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈۋەيدا ئىچكى بىخەتەرلىك قوماندانى ھۇسام ئەلتەھھان مۇنداق دېدى: «سۈۋەيدا يېزىلىرىدىكى ئەلماتۇنە رايونىدا يۈز بەرگەن بىر تراگېدىيەلىك ۋەقەدە، رايون ئاھالىلىرىدىن بەش كىشىگە قارىتا ۋەھشىيانە بىر جىنايەت سادىر قىلىندى. نەتىجىدە تۆت كىشى ئۆلۈپ، بەشىنچى كىشى ئېغىر يارىلاندى»

دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەر ۋە قوراللىق ھۇجۇمدىن ئامان قالغانلاردىن بىرى بىلەن ھەمكارلىشىش نەتىجىسىدە، گۇماندارلارنىڭ بىرىنىڭ رايونلۇق ئىچكى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

ئەلتەھھان، «مەزكۇر شەخسنىڭ دەرھال قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن تەكشۈرۈشكە تاپشۇرۇلغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، «پۇقرالارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق دەخلى-تەرۇزنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ھەر قانداق قىلمىشقا سەل قارالمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

سۈۋەيدادىكى جىددىي ۋەزىيەت

سۈرىيەلىك ئەمەلدار، «ۋىلايەت خەلقىنى سالماق بولۇشقا، سەۋرچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا ۋە كۆرۈلگەن تەدبىرلەرگە ئىشىنىشكە» چاقىرىپ، «ئادالەتنىڭ بۇنداق پاجىئەلىك ۋەقەنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ۋە قايسى گۇرۇپپىغا تەۋە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەسئۇللارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

سۈۋەيدادا دۈرزى گۇرۇپپىلىرى بىلەن بەدەۋىي قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن يۈزلەرچە كىشى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان بولۇپ، ئىيۇل ئېيىدىن بۇيان تىنچ ھالەتتە ئىدى.

تىچلىق مۇھىتى ئەلھىجرى بىلەن ئالاقىسى بولغان گۇرۇپپىلارنىڭ ھەربىي نۇقتىلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەچچە قېتىملىق دەخلى-تەرۇزلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت كېلىشىمگە ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ تارقىتىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.