خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكادا 835 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە توكسىز قالدى، يۈزلىگەن ئايروپىلان قاتنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
پېنسىلۋانىيە، مارىلاند ۋە ۋىرگىنىيەگە ئەڭ ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بوران نۇرغۇن ئىشتاتتا سۇ بېسىپ كېتىش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، نيۇجېرسىي ۋە نيۇيوركنىڭ بەزى رايونلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.
ئامېرىكادا 835 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە توكسىز قالدى، يۈزلىگەن ئايروپىلان قاتنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
ئامېرىكىدىكى كۈچلۈك بوران-چاپقۇن نيۇ-جېرسىي قىرغاقلىرىدا سۇ ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى / Anadolu Agency (Wire)
 

ئامېرىكادا مىننەتدارلىق بايرىمى دەم ئېلىشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بوران بولۇپمۇ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، پېنسىلۋانىيە، مارىلاند ۋە ۋىرگىنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئىشتاتتا جەمئىي 835 مىڭ 278 ئائىلىنى توكسىز قويدى.

FlightAware تور بېتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بوران سەۋەبىدىن دۆلەت مىقياسىدا 400 دىن ئارتۇق ئايروپىلان قاتنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 2 مىڭدىن ئارتۇق قاتناش كېچىكتۈرۈلگەن.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ۋىرگىنىيەدىكى رونالد رېگان ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئايرودرومى ۋە نيۇيوركتىكى لاگۇئاردىيا ئايرودرومى قاتارلىق بەزى ئايرودروملاردا ئۇچۇشلارنى ۋاقىتلىق توختاتتى.

ئىككى ئىشتاتتا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

بوران سەۋەبىدىن نيۇجېرسىي ئىشتاتى ۋە نيۇيوركنىڭ بەزى رايونلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى، بوران تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىشتاتلاردا سۇ بېسىش ۋەقەلىرىمۇ يۈز بەردى.

تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىدا دېڭىز سۈيى ئادەتتىن تاشقىرى ئۆرلىدى

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتنىڭ غەربىدىكى تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىدا «King Tides» دەپ ئاتىلىدىغان، دېڭىز سۈيىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئۆرلەش ھادىسىسى كۆرۈلمەكتە. ئاي بىلەن قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى بىر يۆنىلىشكە توغرا كېلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇ ھادىسە كالىفورنىيەدە يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملاشماقتا.

مەسئۇللار بۇ يىل ئوكياننى ئىسسىتىپ، دېڭىز سۈيىنىڭ ھەجىمىنى ئاشۇرۇۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك «ئېل نىنو» ھادىسىسىنىڭ بۇ تەسىرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېڭىز سۈيىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن كالىفورنىيەنىڭ شىمالىدىكى قولتۇق رايونىغا جايلاشقان پاسىفىكا، مىل ۋاللېي، لاركسپۇر، سائۇسالىتو ۋە كورتى مادېرا شەھەرلىرىنىڭ قىرغاق بويىدىكى بەزى ئۆيلىرى ۋە كوچىلىرىنى سۇ باستى.

رايوندا دولقۇن ئېگىزلىكى ئىككى مېتىردىن ئېشىپ، سان دىياگو بىلەن لوس ئانژېلېس ئوتتۇرىسىدىكى پويىز قاتنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گۈزەل سەنئەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈرىكى پالاندۆكەندە سوقىدۇ
تۈركىيە ھەيئىتى ئەنقەرەدە ھەفتەر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى
ئىسرائىلىيەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش سۆھبەتلىرى داۋاملاشماقتا
بېنگازى پورتىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا يارىلانغان 2 لىۋىيە ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا كىچىك ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 2 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ: «ئىران بىلەن بولغان» بۇ ئۇرۇشنى خالىغان ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرالايمىز
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىدا بىر ئائىلىدىن 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىران ئامېرىكانىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
گالاتاساراي ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسىدە ئاستون ۋىللانى 1:0 يەڭدى
ئامېرىكا خۇاۋېينىڭ «سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى»نى بېكىتتى
ناتو ئەسكىشەھىردە شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
Anthropic بىلەن OpenAI نىڭ ئېلان قىلىنمىغان ئىلغار سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
پېنتاگون پاترىئوت باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىشىنى تېخى تەستىقلىمىدى
ب د ت: «غەززەدە ھەرىكەتسىز تۇرۇشنىڭ باھانىسى يوق ۋە جازاسىز قېلىشقا ئورۇن يوق»