«The Telegraph» گېزىتىنىڭ مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «ئىستراتېگىيەلىك زاپاس» ئورنىدىكى 100 مىڭ سابىق ئەسكەرگە ئېھتىماللىقى بولغان بىر ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇش چاقىرىقى بىلەن مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەشىق، مانېۋىر ۋە ناتو مانېۋىرلىرىغا قاتنىشالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەكتۇپتا سابىق ئەسكەرلەردىن ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلاش ھەمدە ھازىرقى خىزمىتى ۋە ماھارەتلىرىنى ئارمىيەگە مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىندى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن (1939-1945) بۇيان تۇنجى قېتىم زاپاس قىسىملارنىڭ ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان ھۆكۈمەت مەكتۇپىدا، بۇ قەدەمنىڭ تەييارلىق، توسۇش كۈچى ۋە توقۇنۇش خەۋپىنى ئازايتىشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە تاشلانغانلىقى تەكىتلەندى.
سابىق ئەسكەرلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى كالۋىن بېيلېي (Calvin Bailey) مەكتۇپنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ سابىق ئەسكەرلەرنى دەرھال ھەربىي سەپكە چاقىرىش مەنىسىگە كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىستراتېگىيەلىك زاپاسلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەرگىز ئارمىيەگە قايتا چاقىرىلمايدۇ. بۇ مەكتۇپلار پەقەت كىملەرنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلار بىلەن قانداق ئالاقىلىشىشنى ۋە ماھارەتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر خىزمەت» دېدى.














