پىكىر
1 مىنۇت ئوقۇش
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
«Nutrients» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا، قەھۋە پۇرىقىنىڭ ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ياخشىلاپ، مېڭىدىكى بوشىشىش كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقى بايقالدى.
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
 

«Nutrients» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتقا 20 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان 20 ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى قاتناشتى. ياپونىيەدىكى شوۋا دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، 20 گىرام سوقۇلغان قەھۋەنى 400 مىللىلىتىر قايناق سۇدا دەملەپ، تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر يىراقلىقىغا قويغان.

بەش مىنۇت بويىچە قەھۋە پۇرىقىغا تولغان مۇھىتتا تۇرۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆلچەشلەردە تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن:

تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلارنىڭ چارچاش، جىددىيلىشىش، ئەنسىرەش، زېھنى چېچىلىش ۋە چۈشكۈنلۈك كۆرسەتكۈچلىرىدە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. ئېنېرگىيە ۋە ھاياتىي كۈچ سېزىمىدە تۇيۇقسىز ئۆرلەش بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما قەھۋە پۇرىقىنىڭ كۆپىنچە سەلبىي ھېسسىياتلارنى يېنىكلىتىدىغانلىقى بايقالغان. مېڭىدىكى ئالفا، بېتا ۋە تېتا دولقۇنلىرىنىڭ نىسبىتىگە ئاساسەن ھېسابلانغان «بوشىشىش كۆرسەتكۈچى» نىڭ ئاشقانلىقى بايقالغان.

پۇراق سېزىمىنىڭ مېڭىدىكى ھېسسىيات ۋە ئەسلىمە مەركەزلىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى مەلۇم. قەھۋە پۇرىقىنىڭ ئەتىگەنلىك ئادەتلەر، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرى ياكى دوستلار بىلەن پاراڭلىشىشقا ئوخشاش ئىلگىرىكى ئىجابىي تەجرىبىلەرنى ئەسلىتىش ئارقىلىق بۇنداق ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

تەتقىقاتچىلار بۇ تەتقىقاتتا سېلىشتۇرما گۇرۇپپا ئىشلىتىلمىگەنلىكى ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ قەھۋە ئىستېمال قىلىش ئادەتلىرىنىڭ تەپسىلىي تەكشۈرۈلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، نەتىجىلەرنىڭ ئاخىرقى پاكىت بولۇشتىنمۇ بەكرەك، دەسلەپكى بايقاش خاراكتېرىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. شۇنداقلا، قاتناشقۇچىلارنىڭ پەقەت بەش مىنۇت جىمجىت دەم ئالغانلىقىنىڭمۇ روھىي ھالەتتىكى بۇ ياخشىلىنىشقا تۆھپە قوشقان بولۇشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىندى.

ئىزدىنىڭ
سۆزلەر بىرلەشتۈرگەن جۇغراپىيە: تۈركىي تىللار ئائىلىسى ۋە ساياھەت كۆۋرۈكى
7-ئۆكتەبىر: روھىي جاراھەت، پاجىئە ۋە ئىنسانلارنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ دەردىگە كۆنۈپ قېلىشى
ئۇرۇش سۇ ئاستىغا يۆتكەلمەكتە: ئۇچۇر - ئالاقە كابېللىرى زەربە ئوبيېكتى قىلىنماقتا
گىرېتسىيە مەتبۇئاتى: تۈركىيەنىڭ زور كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ
ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ يۆنىلىشى تۈرك كېمىسازلىق زاۋۇتلىرى بولۇشى مۇمكىن
ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش راك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
ئېبولا ۋىرۇسى قەيەرگە يوشۇرۇنۇۋالدى؟ تەتقىقاتچىلار يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ مەنبەسىنى ئىزدىمەكتە
ياۋروپا مۇداپىئەسىنى قايتىدىن لايىھەلەش: خىيالپەرەستلىكمۇ ياكى ئىستراتېگىيەمۇ؟»
كىلىمات قانۇنىنىڭ ئىسلامنىڭ 1400 يىللىق مۇھىت ئاسراش پەلسەپەسىگە ئېھتىياجى بار
ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىكى ئورتاق ئۆلچەم: دۇنيا 230 ۋولتتا بىرلىككە كېلىشى مۇمكىن
تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ بەلگىلىمىلىرى ۋە ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ قوش ئۆلچىمى
ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىدىن ھاسىل بولغان ساۋاقلار: ياۋروپانىڭ تۈركىيەگە سەل قارىشى ئۆزىگە زىيان
ئىسرائىلىيەنىڭ دۇنياغا سېلىۋاتقان چىقىمى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا
تۈركىيەنىڭ ناتو ئىچىدىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان رولى ئىسرائىلىيەنى نېمە ئۈچۈن بىئارام قىلىدۇ؟
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى ھېچقانداق تەرەپكە ئېنىق غەلىبە ئېلىپ كەلمەيدۇ
ئىران ئۇرۇشىدا تۈركىيە قانداق قىلىپ ئەقىل-پاراسەتنىڭ ساداسى سۈپىتىدە گەۋدىلەندى؟
ناتونىڭ نەزىرى تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى سىستېمىسىدا
ئافغانىستان بىلەن پاكىستان قانداق قىلىپ ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق كەسكىنلىشىش نۇقتىسىغا كېلىپ قالدى؟
تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ 48 سائەت ئىچىدە قانداق تازىلاندى؟
ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارىتا خەلقئارالىق نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە