خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ «چەكلىك ھالدا» قايتا ئېچىلىشىغا قوشۇلدى
غەززەگە ياردەم كىرىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ قايتا ئېچىلىشى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە بېسىم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ «چەكلىك ھالدا» قايتا ئېچىلىشىغا قوشۇلدى
ئىسرائىلىيە رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ «چەكلىك ھالدا» قايتا ئېچىلىشىغا قوشۇلدى / AA

ئىسرائىلىيە قورشاۋ ئاستىدىكى رايوندىكى ئەڭ ئاخىرقى تۇتقۇننىڭ جەسىتى قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، غەززە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ «چەكلىك ھالدا قايتا ئېچىلىشى» غا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ھەقتىكى بايانات، ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مەزكۇر چېگرا ئېغىزىنى قايتا ئېچىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىگە بېسىم قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى.

رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان غەززە ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. مەزكۇر چېگرا ئېغىزى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق  ئۇرۇشى جەريانىدا كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەندىن بۇيان تاقاق ھالەتتە تۇرماقتا.

 بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، چېگرا ئېغىزىنىڭ قايتا ئېچىلىشىنىڭ «بارلىق تىرىك تۇتقۇنلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى ۋە ھاماسنىڭ بارلىق ئۆلۈك تۇتقۇنلارنىڭ جەسەتلىرىنى تېپىپ قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى» گە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئىشخانا يەنە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى تۇتقۇن ران گۋىلىنىڭ جەسىتىنى تېپىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن توپلانغان بارلىق ئىستىخبارات مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىپ، نۆۋەتتە نىشانلىق بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى» ئەسكەرتتى ھەمدە بۇ ھەرىكەت تاماملانغاندىن كېيىن ۋە ئامېرىكا بىلەن ھاسىل قىلىنغان بىردەكلىككە ئاساسەن، ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش قىلىشلىرى

غەززە بىلەن مىسىرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى 10-ئۆكتەبىردە يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى دائىرىسىدە، ئۆكتەبىر ئېيىدا قايتا ئېچىش پىلانلانغان ئىدى، ئەمما ئىسرائىلىيە بۇ كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىدى.

 ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يۈزلەرچە قېتىم بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى. سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ كەم دېگەندە 484 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن، 1321 كىشىنى يارىلاندۇرغان.

ئىسرائىلىيە قورشاۋ ئاستىدىكى رايونغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى داۋامىدا، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 71 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، رايوننى خارابىلىككە ئايلاندۇردى ۋە پۈتكۈل ئاھالىنى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا مەجبۇرلىدى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى