ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى (UEFA) ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ 5-ھەپتىلىك مۇسابىقىسىدە بەشىكتاش كوماندىسى بىلەن ئىسرائىلىيە كوماندىسى ھاپوئېل بېئېر – شېۋا ئوتتۇرىسىدا گىرۇزىيەنىڭ باتۇم شەھىرىدىكى باتۇمى دىنامو تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە، تاماشىبىنلار سۇپىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە ساقچىلارنىڭ مۇداخىلىسى سەۋەبىدىن 25-مىنۇتتا توختاپ قالدى.
مۇسابىقىنىڭ 25-مىنۇتىدا تاماشىبىنلار سۇپىسىدا كېلىپ چىققان ۋەقەلەرگە گىرۇزىيە ساقچىلىرى نورمىدىن ئاشقان كۈچ بىلەن مۇداخىلە قىلدى.
پەلەستىن بايرىقىنى ئاچقان مەستانىلەرگە مۇسابىقىدىن ئىلگىرىمۇ مۇداخىلە قىلغان گىرۇزىيە ساقچىلىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى ۋە زوراۋانلىق قىلدى.
ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بەزى مەستانىلەرگە تەنتەربىيە زالىدا تەييار تۇرغان سەھىيە ئەترەتلىرى ياردەم قىلدى، تەنتەربىيە زالىنىڭ ياڭراتقۇلىرىدىن بەشىكتاش مەستانىلىرىنىڭ تەمكىن بولۇشى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقان پەيتتە، بەشىكتاش پۇتبولچىلىرى تاماشىبىنلار سۇپىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ مەستانىلەر بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى.
جىددىيچىلىكنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ مۇسابىقىنىڭ رېپىرى مورتېن كروگ مۇسابىقىنى توختىتىپ، ياردەمچىلىرى بىلەن بىللە كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ھەر ئىككى كوماندىنىڭ پۇتبولچىلىرىمۇ رېپىرلار ئۆمىكىنىڭ ئارقىسىدىن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
تەخمىنەن 40 مىنۇت توختاپ قالغان مۇسابىقىدە، ۋەقەلەر تىنچىغاندىن كېيىن رېپىرلار ۋە پۇتبولچىلار مەيدانغا قايتىپ كەلدى.
5 مىنۇت بەدەن قىزىتقاندىن كېيىن مۇسابىقە توختاپ قالغان يېرىدىن داۋاملاشتى.
بەشىكتاش كوماندىسى ئىسرائىلىيە كوماندىسى ھاپوئېل بېئېر – شېۋانى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى.
تۈركىيە گىرۇزىيەدىكى مەستانىلەرنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرى، بەشىكتاشنىڭ ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن گىرۇزىيەنىڭ باتۇم شەھىرىگە بارغان پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماكا بوچورىشۋىلى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى.


















