ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئاخىرقى 48 سائەت ئىچىدە ئارىسىدا ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بولغان 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 48 كىشى يارىلاندى.
غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلارغا دائىر يېڭى سانلىق مەلۇماتلار ھەمبەھرىلەندى.
باياناتتا، ئاخىرقى 48 سائەت ئىچىدە دوختۇرخانىلارغا ئارىسىدا ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بولغان 19 كىشىنىڭ جەسىتى بىلەن 48 يارىدارنىڭ ئېلىپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. جەسەتلەرنىڭ 18 نەپىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا، بىر نەپىرىنىڭ بولسا ئىلگىرى يارىلىنىپ داۋالىنىۋاتقان بىر پەلەستىنلىككە تەۋە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولغان 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1 مىڭ 705 كە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 6 مىڭ 163 كە چىقتى.
2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ئومۇمىي قازا قىلغانلار سانى بولسا 74 مىڭ 772 گە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 176 مىڭ 298 گە يەتتى.
غەززە رايونىدا خارابىلىكلەر ئاستىدا يەنىلا مىڭلىغان جەسەتلەرنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.














