ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: ھاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلماقتا، ئىسرائىلىيە داۋاملىق خىلاپلىق قىلماقتا
جۇمھۇر رەئىسئەردوغان غەززەنى قايتا قۇرۇش توغرىسىدا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئەردوغان كۇۋەيت، قاتار ۋە ئوماننىڭ قايتا جانلاندۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەردوغان: ھاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلماقتا، ئىسرائىلىيە داۋاملىق خىلاپلىق قىلماقتا
ئەردوغان: ھاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلماقتا، ئىسرائىلىيە داۋاملىق خىلاپلىق قىلماقتا / Turkish Communications Directorate

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەززەدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان خەلقئارالىق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە تەپسىلاتلارنى ئېنىقلاش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان جۈمە كۈنى كۇۋەيت، قاتار ۋە ئومان زىيارەتلىرىنى تاماملاپ، تۈركىيەگە قايتىشىدا ئايروپىلاندا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى:

«غەززە مەسىلىسى ناھايىتى كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلە بولغاچقا، كەڭ كۆلەملىك سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. بىز بۇ جەھەتتە غەززەگە ھەر تۈرلۈك ياردەمنى بېرىشكە تەييارمىز. ھازىر ئۇل ئەسلىھە خىزمەتلىرىمىزمۇ داۋام قىلماقتا.»

تۈركىيە غەززەدە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ داۋاملىشىشىنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دېدى:

 «ھاماس تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىزچىل ئەمەل قىلماقتا. ھەتتا بۇ ھەقتە ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنىمۇ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئىپادىلىمەكتە. ئىسرائىلىيە بولسا ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىگە داۋاملىق خىلاپلىق قىلماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا ۋە كېلىشىمگە تولۇق ئەمەل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ جەرياندا ئىسرائىلىيەگە قارىتا يېتەرلىك دىپلوماتىك بېسىم قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا ئېمبارگولار ۋە قورال سېتىشنى توختىتىش ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنى ۋەدىسىدە تۇرۇشقا مەجبۇرلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - تۈركىيە بىلەن قاتار دۆلەت مۇداپىئەسى، سودا ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى

 تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە غەززەنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى

 جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ غەززەگە ئۈزلۈكسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان رايوننى قايتا قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ مۇنداق دېدى:

 «غەززە قايتىدىن قەد كۆتۈرىدۇ، بۇنىڭغا ھېچكىم گۇمان قىلمىسۇن. بىز مىسىرغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈشنى توختاتمىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ توختاتمايمىز.»

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماتېرىياللىرى بېسىلغان 17 – «ياخشىلىق پاراخوتى» نىڭ مىسىرنىڭ ئەلئەرىش پورتىغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ غەززەنىڭ ۋەيران بولغان ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«غەززەلىك قېرىنداشلىرىمىز ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ قورشاۋى تۈپەيلىدىن ھەممە نەرسىگە موھتاچ. بۇ ئەڭ تەبىئىي ئەھۋال، ئەلۋەتتە. ھازىر سۆز قىلىش ئەمەس، ئەمەل قىلىش ۋاقتىدۇر.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئەردوغان بىلەن ئومان سۇلتانى ئىككى دۆلەت ۋە رايون مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

 غەززەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن رايونلۇق ھەمكارلىق ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە

 جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رايونلۇق زىيارىتى جەريانىدا پارىس قولتۇقى رەھبەرلىرى بىلەن غەززەنىڭ قايتا جانلىنىشىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، جۈملىدىن كۇۋەيت، قاتار ۋە ئوماننىڭ غەززەنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ كۈچلۈك ۋە  ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئىپاىدىلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غەززەنىڭ ھەممەيلەننىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە قەد كۆتۈرىدىغانلىقىنى، پەقەت تۈركىيە ياكى مىسىر ۋەياكى باشقا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان قاتارنىڭ پەلەستىنگە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان قوللىشىنى ماختاپ، غەززەنى «ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن بىر سىناق» دەپ سۈپەتلىدى ۋە تۈركىيەنىڭ مىنىستىرلىرىنىڭ رايونلۇق ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن ماسلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

 تۈركىيە ئۇكرائىنا ئۈچۈن تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييار

 جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش توغرۇلۇق توختىلىپ، بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئامېرىكا – رۇسىيە باشلىقلار يىغىنىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدا يېڭى تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ يەردە تۈركىيە ياكى ئىستانبۇلنىڭ تىنچلىق نۇقتىئىنەزىرىدىكى ئەھمىيىتى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقتى.

بىزنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلىرىمىز بار بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن بىر دۆلەتمىز. بۇ بىزگە تىنچلىق يولىدا ئۈستۈنلۈك ياراتماقتا. دەرۋەقە، بىزنىڭ بىز بۇ ئەۋزەللىكنى ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار