پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
5 مىنۇت ئوقۇش
مىيانمار دەۋاسىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق <قەستى>» ھۆكمى ئىسرائىلىيە دەۋاسىغىمۇ ئۈلگە بولامدۇ؟
خەلقئارا ئادالەت سوتىنىڭ مىيانمارغا دائىر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قەستى» ھۆكمى ئىسرائىلىيە دەۋاسىغىمۇ ئۈلگە بولامدۇ؟
مىيانمار دەۋاسىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق <قەستى>» ھۆكمى ئىسرائىلىيە دەۋاسىغىمۇ ئۈلگە بولامدۇ؟
Uluslararası Adalet Divanı'nda Rohingya davası duruşması / Anadolu Agency (Wire)
 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنىي تالاش-تارتىشلارنى خەلقئارا قانۇن بويىچە ھەل قىلىدىغان ئاساسلىق ئەدلىيە ئورگىنى — خەلقئارا ئادالەت سوتى 19-نويابىردا چىقارغان ھۆكمىدە، مىيانمارنىڭ 2017-يىلى راخىن ئۆلكىسىدىكى روھىنگا خەلقىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى بېكىتتى.

ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىيانماردا ئەسىرلەردىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت — روھىنگالار نەچچە ئون يىلدىن بۇيان زوراۋانلىققا ئۇچراپ كەلمەكتە.

ئەمما 2017-يىلى ئاۋغۇستتا ئەۋج ئالغان كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق نەتىجىسىدە پۈتۈن يېزىلار ۋەيران قىلىنىپ، مىڭلىغان ئائىلە قىرغىنغا ئۇچرىدى؛ 750 مىڭدىن ئارتۇق كىشى باڭلادېشقا قېچىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى.

نەچچە يىللىق تەكشۈرۈش ۋە باھالاشتىن كېيىن چىقىرىلغان بۇ ھۆكۈمدە، مىيانمارنىڭ 1948-يىللىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى»نىڭ 2-ماددىسىدا ئېنىق چەكلەنگەن قىلمىشلارنى قەستەن سادىر قىلغانلىقى بېكىتىلدى.

سوتچىلار مىيانمار قىسىملىرىنىڭ تەخمىنەن 10 مىڭ روھىنگانى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، كەڭ كۆلەمدە جىنسىي زوراۋانلىق سادىر قىلغانلىقىنى، بالىلارغا چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق قىلغانلىقىنى ۋە قېچىشقا ئۇرۇنغان پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېنىقلىدى.

بۇ خەلقئارا ئادالەت سوتىنىڭ بىر دۆلەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم جاۋابكار دەپ بېكىتىشىدۇر. ئىلگىرىكى دەۋالاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بويىچە دۆلەتلەر ئەمەس، بەلكى شەخسلەرلا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلغانىدى.

* * * *

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھۆكۈمنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن سۇنغان ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان دەۋاغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. مەزكۇر دەۋادا تېل ئاۋىۋ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن قورشاۋ ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدا 1948-يىللىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى»گە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن سۇنۇلغان بۇ دەۋانىڭ كەم دېگەندە يەنە تۆت يىل داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋالىرىدا ئىسپاتلاش ئەڭ قىيىن بولغان ئامىل — قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان بىر گۇرۇپپىنى يوقىتىشقا قارىتىلغان ئالاھىدە قەستتۇر. مىيانمار ھەققىدىكى ھۆكۈمنىڭ خەلقئارا ئادالەت سوتىنىڭ بۇ ئامىلنى قانداق باھالايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

ئىستانبۇلدىكى كوچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا قانۇن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاكادېمىك ناسىر قادىرى TRT World قا بەرگەن باياناتىدا، ھۆكۈمنىڭ قانۇنىي ئەھمىيىتى سوتنىڭ ئىسپاتلاش ئۆلچىمىنى قانداق بېكىتكەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى بۇ ئۆلچەمگە يېتىش ئۈچۈن قايسى دەلىللەرنى يېتەرلىك دەپ قوبۇل قىلغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قادىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سوت جىنايى ئىشلار سوتلىرىنىڭ ھۆكۈملىرىگە تايىنىشتىن كۆرە، ب د ت نىڭ پاكىت ئېنىقلاش ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنى ئاساس قىلىپ، قىلمىشلارنى قوزغىلاڭنى باستۇرۇش، مەجبۇرىي يۇرت-ماكانىدىن كۆچۈرۈش ۋە كوللېكتىپ جازالاش دەپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان باشقا ئىزاھلارنى رەت قىلغان. چۈنكى بۇ ئىزاھلار زوراۋانلىقنىڭ «شەكلى، كۆلىمى ۋە نىشان قىلىنغانلارنىڭ كىملىكى»گە ماس كەلمەيتتى.

قادىرى بۇ خىل قاراشنىڭ غەززە مەسىلىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە دىققەت تارتتى. جەنۇبىي ئافرىقانىڭ ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزى بىلەن گامبىيەنىڭ مىيانمار ئۈستىدىن سۇنغان دەۋاسى ئوخشاش قانۇنىي ئاساسقا تايىنىدۇ.

قادىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ئادالەت سوتىنىڭ قولىدىكى ھازىرقى دەلىل ھۆججەتلىرى 2024-يىلى يانۋاردا چىقىرىلغان ۋاقىتلىق تەدبىر قارارىدىكى «ئاساسى بار خەۋپ» بېكىتمىسىدىن كېيىن تەييارلانغان ب د ت تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ۋە باشقا مۇستەقىل دوكلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دەلىللەر مىيانمار دەۋاسىدا كۆپ سانلىق سوتچىلار 6 غا قارشى 9 ئاۋاز بىلەن يېتەرلىك دەپ قارىغان دەلىللەر بىلەن ئوخشاش تۈردىدۇر.

قادىرىنىڭ قارىشىچە، ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن بولغان ئاساسلىق ئىزاھ، يەنى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇملارغا قايتۇرۇلغان قانۇنلۇق جاۋاب ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دەۋاسىمۇ، سوت ئىلگىرى تەكشۈرۈپ رەت قىلغان ئىزاھلار بىلەن ئوخشاش تۈردىدۇر. چۈنكى سادىر قىلىنغان قىلمىشلارنىڭ ئۆزى پۈتۈنلەي باشقا بىر ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

* * * *

ئىرقىي قىرغىنچىلىق قەستىنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇشى

«مىيانمارنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئاستا-ئاستا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئورتاق ئاپتورلىرىدىن مائۇڭ زارنى TRT World قا بەرگەن باياناتىدا، سوتنىڭ نەچچە ئون يىل بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قەستىنىڭ «بىردىنبىر ياكى يەككە-يېگانە» نىيەت بولۇشىنى شەرت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

زارنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر رايوننى تازىلاش ياكى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش دېگەندەك باشقا سەۋەبلەرنىڭ بولۇشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشقا توسالغۇ بولۇپ كەلگەن.

زارنى: «سوت ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بۇ لوگىكىنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قەستى ئاساسلىق ئامىل سۈپىتىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق نىيەتلەرنى بىر پۈتۈن ھالدا نەزەرگە ئالىدىغان قاراشنى قوبۇل قىلماقتا» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ دائىم دېگۈدەك بىر نەچچە سەۋەبى بولىدىغانلىقىنى، سوتنىڭ بۇ يېڭى قارىشىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت ئۇسۇلىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا ئادالەت سوتىنىڭ غەززە دەۋاسىدىمۇ ئوخشاش لوگىكىنى قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارغا كەلسەك، زارنىنىڭ قارىشىچە، تېل ئاۋىۋ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشقا بۇيرۇق بېرىپلا قالماي، ئۇنى ئۆزىمۇ سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەگە قارشى دەۋانىڭ ئاساسى «تېخىمۇ مۇستەھكەم» ئىكەن.

زارنى يەنە خەلقئارا ئادالەت سوتىنىڭ سوتچىلارغا قىلىنغان بېسىملارغا قارىماي بۇ ھۆكۈمنى چىقارغانلىقىنى، بۇنىڭ سوتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قادىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سېربىيەگە قارشى دەۋالار يۇگوسلاۋىيە مەسىلىسى ئۈچۈن قۇرۇلغان سوتنىڭ ئىلگىرىكى جىنايەت بېكىتىش ھۆكۈملىرىگە تايانغانىدى؛ ئەمما بۇ قېتىم سوت ئىرقىي قىرغىنچىلىق قەستىنىڭ بارلىقىنى پەقەت ب د ت دوكلاتلىرىغا تايىنىپلا بېكىتتى.

قادىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت يەنە بىر گۇرۇپپىنىڭ «مۇھىم بىر قىسمىنى» يوقىتىش دائىرىسىگە كىرىدىغان قىلمىشلارنىڭ چەمبىرىكىنى كېڭەيتىپ، پەقەت ئۆلتۈرۈشنىلا ئەمەس، بەلكى بىر گۇرۇپپىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە گۇرۇپپا سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى ئېغىر زەخىملەندۈرىدىغان بارلىق قىلمىشلارنى نەزەرگە ئالدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئىككى قەدەم ئىلگىرى دۆلەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشنى مۇمكىنسىز دېگۈدەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئەمەلىي توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلىدى.

* * * *

ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش مەسىلىسىگە كەلگەندە بولسا، مۇتەخەسسىسلەر ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتماقتا.

قادىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا ئادالەت سوتىنىڭ ھۆكمى «ئاخىرقى ۋە مەجبۇرىي كۈچكە ئىگە» ئىكەنلىكىدە شۈبھە يوق دېيەرلىك. بىراق بۇ سوتنىڭ ئارمىيەسى ياكى ساقچى كۈچى بولمىغاچقا، ئۆز ئالدىغا جازالاش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلالمايدۇ. ئەگەر دەۋا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يوللانسا، ئۇ يەردە ۋېتوغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

قادىرى زىياننى تۈزىتىش، تۆلەم تۆلەش، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش مەجبۇرىيىتى ۋە قىلمىشنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقىغا كاپالەت بېرىش قاتارلىق قانۇنىي چارىلەرنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، ئىككى يىللىق دوكلات بېرىش مۇددىتىنىڭ بولسا ئاساسلىق تەرتىپ ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆزگىرىدىغىنى ئۈچىنچى تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسىدۇر: مەجبۇرىي كۈچكە ئىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھۆكمى چىقىرىلغاندا، جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنى قوراللاندۇرغان ياكى قوغدىغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ قىلمىشلاردىن كېلىپ چىققان ۋەزىيەتنى قانۇنلۇق دەپ ئېتىراپ قىلماسلىق مەجبۇرىيىتى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.

زارنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۈزۈلمە جەھەتتىن بۇ خىل ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مىيانمارنىڭ ھۆكۈمگە قارشى دۆلەت ئىچىدىكى جامائەتچىلىكنى سەپەرۋەر قىلىشقا باشلىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. بۇ بولسا ئىلگىرىكى بالقان دەۋالىرىدا كۆرۈلگەن تونۇش بىر ئەھۋالنى ئەسلىتىدۇ.

زارنىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھۆكۈم دۆلەتنىڭ جاۋابكارلىقى بىلەن شەخسلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى كۈچەيتمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئادالەت سوتى دۆلەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللارنىڭ جاۋابكارلىقىغا دائىر قانۇنىي ئاساسلاندۇرۇش ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن شەخسلەرنى تەكشۈرۈپ سوتلايدىغان دائىمىي خەلقئارالىق سوت — خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىشقا كىرىشىپ، ‹خەلقئارا ئادالەت سوتى توختىغان يەردىن› داۋاملاشتۇرۇشىغا يول ئاچتى.»

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسىدە ئاستون ۋىللانى 1:0 يەڭدى
ئامېرىكا خۇاۋېينىڭ «سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى»نى بېكىتتى
ناتو ئەسكىشەھىردە شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
Anthropic بىلەن OpenAI نىڭ ئېلان قىلىنمىغان ئىلغار سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
پېنتاگون پاترىئوت باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىشىنى تېخى تەستىقلىمىدى
ب د ت: «غەززەدە ھەرىكەتسىز تۇرۇشنىڭ باھانىسى يوق ۋە جازاسىز قېلىشقا ئورۇن يوق»
ئىراندا بىر ھەربىي گازارما يېنىدا پارتلاش يۈز بەردى
ئىران: «7 شەرت ئورۇندالماي تۇرۇپ ھېچقانداق قەدەم تاشلانمايدۇ ۋە سۆھبەت بولمايدۇ»
ئامېرىكا سودا پاراخوتلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇملىرىدا ئىراننىڭ رولى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرمەكتە
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 2 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
گېرمانىيە مۆللىن ۋەقەسىدە قازا قىلغان 3 تۈركىيە پۇقراسى 34 - يىللىقىدا خاتىرىلەندى
جەنۇبىي كورېيە ھاۋا مۇداپىئە ئېنىقلاش رايونىدا رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانى بايقالدى
تۈركىيە قارادېڭىزدا بىخەتەر دېڭىز قاتنىشى ئۈچۈن «ئۈنۈملۈك مېخانىزم» ئورناتماقتا
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى