ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاتلانتىك ئوكياندا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە «ئىككىنچى دەرىجىلىك» شىددەتلىك ئىساياس بوران-چاپقۇنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.
ھەپتە ئاخىرى قىرغاققا ئۇرۇلۇشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بوران-چاپقۇننىڭ، بۇ جەرياندا شىددىتىنىڭ تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
بوران-چاپقۇن ۋە ئۇ ئېلىپ كېلىدىغان قارا يامغۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئالاباما، فلورىدا ۋە جورجىيا ئىشتاتلىرىنىڭ بەزى رايونلىرىدا پۇقرالارنى جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، بوران-چاپقۇن يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى فلورىدادىكى بىرنەچچە ئايرودۇرۇم ئۇچۇشقا چەكلەنگەن بولۇپ، پويىز قاتنىشىنىڭمۇ توختاپ قېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


















