بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش دائىرىسىدە، تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ۋولكېر تۈرك رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ بىر-بىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.
«يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كراماتورسكتا 2 ئاپتوبۇس نىشان قىلىنغان ۋە كەم دېگەندە 30 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۈگۈنكى دەھشەتلىك ھۇجۇمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئاخىرقى 4 كۈن ئىچىدە ئۇكرائىنا مىقياسىدا پۇقرالار ھاياتىدىن ئايرىلغان ھۇجۇم دولقۇنىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمەن» دېگەن تۈرك، دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ھۇجۇملارنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئەيىبلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈرك 5-ئۆكتەبىردىن بۇيان رۇسىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۇجۇملاردا 85 تىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 346 كىشىنىڭ يارالانغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئېلېكتر پونكىتلىرى ۋە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ئۇزۇن مۇساپىلىك قويۇق ھۇجۇملاردىن كېيىن، ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن رايونلىرىنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن توختالغان تۈرك، ھاۋانىڭ سوۋۇشى ۋە كۈنلەرنىڭ قىسقىرىشى سەۋەبىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىگە بولغان ئېھتىياج ئېشىشتىن ئىلگىرى، ئۇكرائىنانىڭ جىددىي ۋە توك توختاپ قېلىش ئەھۋالىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇرۇش قانۇنى بويىچە پۇقرالارنىڭ قاتتىق قوغدىلىدىغانلىقىنى ۋە ھەرگىزمۇ نىشان قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان تۈرك، تەرەپلەرنىڭ پۇقرالارنى قوغداش مەسئۇلىيىتى - مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«ئدەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى تەكشۈرۈلۈشى ۋە مەسئۇلىيىتى بېكىتىلگەن كىشىلەر جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. پۇقرالارغا قارىتىلغان قەستەن ھۇجۇملار ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.»


















